« چۆلدە »

17

ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن تاياق تەييارلىسۇن، جەمئىي ئون ئىككى تاياق بولسۇن. تاياققا قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىسمىنى يازغىن. 3لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن. 4ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغىن. 5كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.

6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەمئىي ئون ئىككى تاياق ئىدى. 7مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.

8ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى. 9مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى. 10پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.

11مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.

12ئىسرائىل خەلقى مۇساغا:

_ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق! 13پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى