« چۆلدە »

13

چارلىغۇچىلارنىڭ كەنئان زېمىنىنى كېزىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

2_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.

3پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. 4تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

رۇبېن قەبىلىسىدىن: زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇۋا،

5شىمون قەبىلىسىدىن: خورىنىڭ ئوغلى شافات،

6يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،

7ئىسساكار قەبىلىسىدىن: يۈسۈپنىڭ ئوغلى يىگال،

8ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،

9بىنيامىن قەبىلىسىدىن: رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،

10زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: سودىنىڭ ئوغلى گاددىئېل،

11يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: سۇسىنىڭ ئوغلى گاد،

12دان قەبىلسىدىن: گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىئېل،

13ئاشېر قەبىلىسىدىن: مىكائىلنىڭ ئوغلى سېتۇر،

14نافتالى قەبىلىسىدىن: ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناخبى،

15گاد قەبىلىسىدىن: ماكىنىڭ ئوغلى گىئۇئېل.

16بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.

17مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

_ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار. 18ئۇ يەرلەرنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈڭلار ۋە ئۇ جايدا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى بىلىڭلار. 19ئۇلار ياشايدىغان زېمىن ياخشىمۇ-يامانمۇ؟ ئۇلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى بارمۇ-يوق؟ 20تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ؟ ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق؟ ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار.

ئۇ دەل دەسلەپكى ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئىدى.

21شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى. 22ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.) 23ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 24ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى. 25قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى.

26ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى 27ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى:

_ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. 28لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى مۇستەھكەم ۋە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. 29نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.

30كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى:

_ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز.

31لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر:

_ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.

32ئۇلار ئۆزلىرى چارلىغان زېمىن ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشىپ، مۇنداق دېيىشتى:

_ بىز چارلىغان ئۇ يەرلەر ئادەم يەيدىغان يەر ئىكەن. بىز ئۇ يەردە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ، 33بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى