« چۆلدە »

29

كاناي چېلىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

1«7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە كاناي چېلىنسۇن. 2پەرۋەردىگارغا خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن. 3شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىپ سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو، 4ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. 5بۇنىڭغا قوشۇپ گۇناھىڭلاردىن ساقىت بولۇش ئۈچۈن بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. 6بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.»

گۇناھتىن ساقىت بولۇش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر

7«7-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، روزا تۇتۇڭلار، ئىش قىلماڭلار. 8مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار. 9شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو، 10ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىڭلار. 11گۇناھتىن ساقىت بولۇش كۈنىدىكى قۇربانلىقلار ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.»

كەپە تىكىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

12«7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار. 13مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇش پۇراقلىق ھەدىيە ئۈچۈن بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 14شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، 15ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن توغرىلاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. 16كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

17ھېيتنىڭ 2-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 12 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق ۋە بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 18شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 19كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

20ھېيتنىڭ 3-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 11 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 21شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 22كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

23ھېيتنىڭ 4-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 10 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 24شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 25كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

26ھېيتنىڭ 5-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 9 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 27شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 28كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

29ھېيتنىڭ 6-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 8 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 30شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 31كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

32ھېيتنىڭ 7-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 7 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. 33شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 34كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

35ھېيتنىڭ 8-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 36پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇش پۇراقلىق ھەدىيە ئۈچۈن بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتە تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. 37شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. 38كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.

39بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ، قەسەم ياكى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»

40مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى