« زەبۇر »

69

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «نېلۇپەر» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى،

سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى!*

2تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم،

كەلكۈندە غەرق بولۇپ،

چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم.

3پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى،

گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى،

تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا

كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.

4چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ،

سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر.

قارا چاپلار ماڭا ئۇلار،

مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _

مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر.

مەن بۇلىمىغان نەرسىنى،

قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار.

5ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان،

مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _

يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان.

6ئى پەرۋەردىگار _

قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

مېنىڭ سەۋەبىمدىن

ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر

يەرگە قاراپ قالمىغاي.

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

ساڭا تەلپۈنگەنلەر،

مېنىڭ سەۋەبىمدىن

شەرمەندە بولمىغاي.

7ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا،

يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا.

8يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا،

ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.

9چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم

ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى.

ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ،

باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.

10مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام

تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى،

مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى.

11ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم،

مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم.

12تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار،

مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم.

13شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا،

مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە،

خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى

دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا.

14قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن،

قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن.

15غەرق قىلما مېنى كەلكۈن سۇلىرىغا،

يۇتقۇزمىغىن مېنى دېڭىز دولقۇنىغا،

يەم قىلمىغىن مېنى تەگسىز ھاڭغا.

16ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن،

چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا،

مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا.

17جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن،

چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا.

ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن.

18ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا،

خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن،

قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا.

19بىلىسەن مېنىڭ قانداق ھاقارەتلەنگەنلىكىمنى،

رەسۋا بولۇپ بىھۆرمەت قالغانلىقىمنى،

سەن بىلىسەن مېنىڭ بارلىق رەقىبلىرىمنى.

20قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر،

قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم.

تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى،

ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى،

بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم.

21ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى،

ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.

22زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي،

مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.

23بەل-پۇتلىرى مادارسىز تىترەپ تۇرغاي،

كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي.

24غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن،

قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن.

25ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن،

چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن.

26چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا،

ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.

27ئى پەرۋەردىگار، جازا قوشقىن ئۇلارنىڭ جازاسىغا،

ھەم ئادالەتنىڭ نېسىۋىسىنى بەرمىگىن ئۇلارغا.

28ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى،

ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.

29بىراق ئۆزۈم دەرد تارتتىم ۋە ئېزىلدىم،

قۇتقۇز مېنى، پاناھىڭغا ئال ئىگەم.

30مەدھىيەلەيمەن مۇناجاتتا نامىڭنى،

ئۇلۇغلايمەن شۈكۈر ئېيتىپ سېنى.

31بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار،

بۇ ساڭا ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر،

مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر.

32ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار،

خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار.

33چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە،

ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە.

34مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى،

مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى.

35چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى،

قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى.

ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار،

ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار.

36خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار.

خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار.



*1بۇ مۇناجاتتا «سۇ»، «كەلكۈن» قاتارلىق سۆزلەر خېيىم-خەتەر ۋە تەھدىتلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى