« ئايۇپ »

32

ئەلىھۇنىڭ ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى ئەيىبلىشى

1ئايۇپنىڭ ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنى ھەق دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى. 2شۇ چاغدا رام جەمەتىدىن بولغان بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇنىڭ ئايۇپقا ئاچچىقى كەلدى، چۈنكى ئايۇپ ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنى ھەق دەپ قاراپ، خۇدانى ئەيىبلىگەنىدى. 3ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىغىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئەيىبلەپ تۇراتتى. 4ئەلىھۇنىڭ يېشى ئۇلاردىن كىچىك بولغانىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. 5بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى.

6بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ياش، سىلەر مەندىن چوڭ بولغاچقا، قاراشلىرىمنى بايان قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم.

7يېشى چوڭلار سۆزلىسۇن، تەجرىبىلىكلەر ئەقىل-پاراسەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.

8لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى،

ئىنساندا ياشايدىغان روھ، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.

9ياشانغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشى،

يېشى چوڭلارنىڭ ھەق-ناھەقنى چۈشىنىشى ناتايىن.

10شۇڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار،

مەنمۇ قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي.

11سىلەر سۆزلىگەندە جىم تۇردۇم،

سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم،

ھەربىر ھېكىمەتلىك سۆزلەر ھەققىدە ئويلانغىنىڭلاردا كۈتۈپ تۇردۇم.

12مەن ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ،

ھېچقايسىڭلارنىڭ ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى،

ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بايقىدىم.

13سىلەر ‹بىز ئەقىل تاپتۇق، ئايۇپنى بىز ئەمەس بەلكى خۇدا قايىل قىلسۇن› دېمەڭلار.

14ئايۇپ مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقمىدى،

مەن ئۇنىڭغا سىلەرگە ئوخشاش جاۋاب بەرگۈم يوق.

15ئۇلار ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي جىمىپ قالدى،

ئېغىزلىرىدىن قايتا گەپمۇ چىقمىدى.

16ئەجەبا ئۇلار زۇۋان سۈرمەي، جىمىپ قالسا،

مەنمۇ كۈتۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟

17مەن جاۋاب بېرىشىم،

ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشىم كېرەك.

18ئىچىم گەپكە توشۇپ كەتتى،

روھىم مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە.

19ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى.

خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك، يېرىلىپ كېتەي دېدىم.

20مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم، سۆزلىمىسەم بولمايدۇ،

ئېغىز ئېچىپ جاۋاب بەرگۈم بار.

21مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايمەن،

ھەم ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايمەن.

22مەن خۇشامەت قىلىشقا ماھىر ئەمەسمەن،

ئەگەر خۇشامەت قىلىشقا ماھىر بولغان بولسام،

ياراتقۇچىم مېنى بىردەمدىلا يوق قىلىۋېتەتتى.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى