« ئايۇپ »

38

پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپقا بەرگەن جاۋابى

1شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

2«مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟

3ئەركەككە ئوخشاش بېلىڭنى چىڭ باغلاپ تۇر!

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.

4مەن زېمىننىڭ ئۇلىنى قۇرغان ۋاقتىمدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەگەر سەن شۇنچە ئەقىللىق بولساڭ، ماڭا دېگىن.

5زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىمنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟

كىم ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلچەپ چىقالىدى؟

6زېمىننىڭ ئاستىنى نېمە تىرەپ تۇرىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۇلىنى كىم قويدى؟

7ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ،

ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

8دېڭىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئېتىلىپ چىققاندا،

ئۇنىڭ چېگراسىنى كىم بەلگىلىگەنىدى؟

9دېڭىزنى بۇلۇتلار بىلەن يېپىپ،

ئۇنى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئوراپ قويغان مەن ئىدىم.

10ئۇنىڭغا چېگرا بەلگىلەپ،

دەرۋازا، ئىشىكلىرىنى يېپىپ،

11‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە،

ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم.

12سەن ئۆمرۈڭدە تاڭنىڭ ئېتىشىغا بۇيرۇق بېرىپ،

سەھەر نۇرىغا ئورۇن ھازىرلاپ،

13زېمىنغا قۇياش نۇرىنى چېچىپ،

رەزىللەرنى يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىرىپ باقتىڭمۇ؟

14خۇددى پاتقاققا بېسىلغان تامغا، نېپىز رەخت ئاستىدىن كۆرۈنگەن شەكىلدەك،

نۇر زېمىننى يورۇتقاندا جىلغا ۋە تاغلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

15نۇر رەزىللەر ياخشى كۆرگەن قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋېتىدۇ،

ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشقا كۆتۈرگەن قوللىرى سۇندۇرۇلىدۇ.

16ئەي ئايۇپ، سەن دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى بۇلاقلارغا بېرىپ،

ئۇنىڭ چوڭقۇر تېگىگە يېتىپ باققانمۇ؟

17ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ساڭا كۆرۈنۈپ باققانمۇ؟

زۇلمەت دەرۋازىلىرىنى سەن كۆرۈپ باققانمۇ؟

18زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟

ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر.

19قايسى يول سېنى نۇرنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارىدۇ؟

قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟

20سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟

سەن ئۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوللارنى بىلەمسەن؟

21چوقۇم بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇ چاغدا تۇغۇلۇپ بولغان ئەمەسمىدىڭ؟!

ئۆمرۈڭمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بولدى.

22قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ،

ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟

23مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر،

بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.

24چاقماق مەنبەسىگە ئېلىپ بارىدىغان يول قېنى؟

شەرق شامىلى قايسى تەرەپتىن زېمىنغا ئۇرۇلدى؟

شەرق شامىلىنىڭ چىقىدىغان جايى قەيەردە؟

25كىم يامغۇر سۈيى ئۈچۈن ئۆستەڭ چېپىپ،

چاقماق ئۈچۈن يول ئېچىپ،

26يامغۇر سۈيىنى ئىنسان يوق قاقاسلىققا،

ئادەم تۇرمايدىغان باياۋانغا باشلاپ كېلىپ،

27چاڭقىغان يەرلەرنى سۇغا قاندۇرۇپ،

ئۇ يەردىن گىياھلارنى ئۆستۈردى؟

28يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟

شەبنەمنى كىم تۇغدى؟

29مۇز كىمنىڭ ھامىلىسى؟

ئاسماندىن چۈشكەن قىروۋلارنى كىم تۇغدى؟

30سۇ تاشتەك قاتتىق قېتىپ،

دېڭىزنىڭ ئۈستى مۇزغا ئايلىنىدۇ.

31سەن ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ،

ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمىنى باغلاپ تۇرغان تۈگۈچنى يېشەلەمسەن؟

32سەن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى پەسىللەر بويىچە ئېلىپ چىقىپ،

چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟

33ئەرشتىكى بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتلەرنى بىلەمسەن؟

زېمىننى ئەرشنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرالامسەن؟

34بۇلۇتلارغا بۇيرۇق قىلىپ،

ئۈستۈڭگە قاتتىق يامغۇر ياغدۇرالامسەن؟

35چاقماقلارغا بۇيرۇق قىلالامسەن؟

ئۇلار: ‹خوپ، بىز تەييار!› دەپ، ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلەمدۇ؟

36كىم تۇرنىغا ئەقىل بېرىپ،

خورازغا پاراسەت ئاتا قىلغان؟

37-38بۇلۇتلارنى ساناشقا كىمنىڭ ئەقلى يېتىدۇ؟

توپىلارنى قاتتىق يەرگە ئايلاندۇرۇش،

داڭگاللارنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن،

كىم پەلەكنىڭ كۈپلىرىنى ئاغدۇرۇپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ؟

39-40ئۆڭكۈردە ياتقان شىر ئۈچۈن،

پىنھاندا مۆكۈنۈپ ياتقان شىر ئۈچۈن،

ئوۋ ئوۋلاپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالامسەن؟

41قاغىنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ،

خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قاغىغا يەم بېرىدۇ؟

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى