« ئايۇپ »

9

ئايۇپ: كېسىم قىلغۇچى يوق

1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«شۇنداق، دېگەنلىرىڭنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن،

لېكىن، ئادەم قانداق قىلغاندا خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟

3ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا،

خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا،

ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

4خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر،

ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.

5ئۇ تۇيدۇرماي تاغلارنى يۆتكىۋېتەلەيدۇ،

غەزەپلەنگەندە تاغلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ.

6ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ،

زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ.

7ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇياشنى چىقماس،

يۇلتۇزلارنى چاقنىماس قىلىۋېتەلەيدۇ.

8ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ،

دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ.

9ئۇ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمى،

ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە جەنۇبتىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ياراتقاندۇر.

10ئۇ قىلغان بۈيۈك ئىشلار ساناقسىز،

ياراتقان مۆجىزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدۇر.

11ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە كۆرەلمەيمەن،

ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەيمەن.

12ئەگەر ئۇ ‹ئالىمەن› دېسە كىم توسىيالايدۇ،

كىم ئۇنىڭدىن ‹نېمە قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورىيالايدۇ؟

13خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.

دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ* ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ.

14ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟

مەن سۆز تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟

15گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن،

پەقەت سوتچىنىڭ رەھىم قىلىشىنىلا ئۆتۈنەلەيمەن.

16ئەگەر مەن ئۇنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ،

ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.

17ئۇ بوران-چاپقۇن بىلەن ماڭا زەربە بەردى،

كۆپ قېتىم سەۋەبسىزلا جاراھەتلەندۈردى.

18ئۇ دېمىمنى ئېلىۋېلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى،

ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقۇزدى.

19ئەگەر كۈچ ھەققىدە گەپ بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكتۇر،

ئەگەر ئادىللىق ھەققىدە گەپ بولسا، كىممۇ ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟

20گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئاغزىم گۇناھكاردۇر،

تۈز بولساممۇ، ئاغزىم مېنى ‹ئەگرى› دەيدۇ.

21قۇسۇرسىزلىقىم ماڭا بەرىبىر، مەن ھاياتىمدىن تويغانمەن.

22شۇڭا ‹ھەممىسى بەرىبىر› دەيمەن،

مەيلى قۇسۇرسىز ئادەم بولسۇن، مەيلى بۇزۇق ئادەم بولسۇن ھەممىسىنى ئۇ يوقىتىدۇ.

23گەرچە گۇناھسىز بولسىمۇ، ئاپەت كېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا خۇدا كۈلىدۇ.

24خۇدا رەزىل كىشىلەرنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا يول قويغان،

سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرالماس قىلىپ قويغان.

بۇنى خۇدا قىلمىغان بولسا يەنە كىم قىلدى؟

25يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە

كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا،

بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم.

26ھاياتىم قومۇشتىن ياسالغان قېيىقتەك تېز،

ئولجىغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك چاپسان ئۆتمەكتە.

27ئى خۇدا، ئەگەر مەن بارلىق قاقشاشلىرىمنى ئۇنتۇپ،

سولغۇن چىرايىمنى كۈلكە چىرايغا ئايلاندۇرسام ياخشى بولار ئىدى،

28لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق ئازابىدىن قورقىمەن.

چۈنكى، سېنىڭ مېنى گۇناھسىز دېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.

29سەن مېنى گۇناھكار دەپ قارىغانىكەنسەن،

يەنە جان تالىشىپ نېمە قىلاي؟

30بويۇمنى قار سۈيىدە، قولۇمنى شاخار بىلەن يۇساممۇ،

31سەن مېنى يەنىلا ئەۋرەزگە تاشلايسەن،

كىيىم-كېچەكلىرىممۇ مەندىن يىرگىنىدۇ.

32خۇدا ماڭا ئوخشاش ئىنسان بولمىسا،

ئۇنىڭغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟

سوتتا ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇنازىرىلىشەلمەيمەن.

33ئارىمىزدا ئىككىمىزنى كېلىشتۈرۈپ قويىدىغان كېلىشتۇرگۈچى بولسا ئىدى.

34ئەگەر ئۇ مەندىن جازا تايىقىنى يىراق قىلغان بولسا،

مېنى ۋەھىمىگە سالمىسا،

35ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقماي، يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيتتىم،

لېكىن مەن ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن.»



*13راخاب _قەدىمكى ئەپسانىلەردە ئۇچرايدىغان دېڭىزدىكى بىر خىل مەخلۇق بولۇپ، ئۇ ھالاكەتلىك دېڭىزغا ۋە ۋەيران قىلغۇچى كۈچلەرگە سىمۋول قىلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى