« ئايۇپ »

39

1ياۋا ئۆچكىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟

2ئۇلارنىڭ قانچە ۋاقىت قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

ئۇلارنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟

3ئۇلار تىزلىنىپ تۇغىدۇ،

بالىلىرىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ.

4بالىلىرى يېتىلىپ، قاقاس دالادا چوڭ بولۇپ،

ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتا قايتىپ كەلمەيدۇ.

5كىم ياۋا ئېشەكنى ئەركىنلىككە چىقىرىدۇ؟

كىم ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىدۇ؟

6مەن ئۇنىڭغا كەڭ دالانى ئائىلە،

شورلۇقلارنى ماكان قىلىپ بەردىم.

7ئۇ شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ،

مال ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىمايدۇ.

8ئۇ تاغ تىزمىلىرىنى يايلاق قىلىپ،

يېشىل ئوت-چۆپلەرنى ئىزدەيدۇ.

9ياۋا كالا خىزمىتىڭدە بولۇشقا رازى بولامدۇ؟

ئېغىلىڭدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالامدۇ؟

10ياۋا كالىنى ساپانغا قاتالامسەن؟

ئۇ سەن بىلەن جىلغىدا يەر ئاغدۇرۇشقا كۆنەمدۇ؟

11ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىگە تايىنىپ،

ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟

12ئۇنىڭ بىلەن ھوسۇلۇڭنى يىغىپ،

خامانغا ئەكېلىشكە ئىشىنەلەمسەن؟

13تۆگە قۇش قانات قاققىنى بىلەن

لەيلەكتەك ئۇچالامدۇ؟

14ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تۇغۇپ،

قۇمنىڭ ئىسسىقىغا ئېرىشكىنى بىلەن،

15بىراق تۇخۇمىنىڭ يانجىلىپ سۇنۇپ كېتىشىنى،

ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دەسسىۋېتىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

16تۆگە قۇش ئۆز بالىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ،

خۇددى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئىش قىلىدۇ.

ئۇنىڭ تۇغۇتى بىھۇدە ئىشتەك، ئۇ بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.

17چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلمىغان،

ئىدراك بەرمىگەنىدىم.

18لېكىن ئۇ قانىتىنى كېرىپ يۈگۈرسە،

ئات ۋە چەۋەندازلارنى مەسخىرە قىلىدۇ.

19ئاتقا كۈچنى سەن ئاتا قىلغانمىدىڭ؟

بوينىدىكى يالىنى سەن ياپقانمىدىڭ؟

20ئۇنى چېكەتكىدەك تاقلىتىپ،

قورقۇنچلۇق كىشنەتكەن سەنمۇ؟

21ئۇ جىلغىدا يەرنى تاتىلاپ،

ھەيۋە بىلەن جەڭگە ئېتىلىدۇ.

22ئۇ قورقۇنچنى مەنسىتمەيدۇ، قىلچە قورقمايدۇ،

قىلىچتىن يانمايدۇ.

23ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوقدان جاراڭشىيدۇ،

نەيزىلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.

24بۇرغا چېلىنىشى بىلەن ئۇ ئورنىدا جىم تۇرالمايدۇ،

ئەسەبىيلىشىپ، چېپىشقا ئالدىراپ يەرنى تېپچەكلەيدۇ.

25ئۇ بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىشى بىلەن كىشنەيدۇ،

يىراقتىنلا ئۇرۇشنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ،

چۇقان-سۈرەن ۋە سەركەردىلەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلايدۇ.

26شۇڭقارلار قانات قېقىپ، جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدۇ،

ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ ئەقلىڭمۇ؟

27بۈركۈتلەر تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ،

ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ بۇيرۇقۇڭمۇ؟

28ئۇ ئېگىز ھاڭلاردا ماكان تۇتىدۇ،

قىيا تاش، تىك يارلارغا بېكىنىۋالىدۇ.

29ئۇ شۇ يەرلەردىن ئوزۇق ئىزدەپ،

نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىدۇ.

30ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ،

نەدە تاپ بولسا ئۇ شۇ يەردە يۈرىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى