« ئايۇپ »

36

ئەلىھۇنىڭ خۇدانىڭ ئادالىتىنى قوغدىشى

1ئەلىھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

2«ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بەرگىن، مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي،

خۇدا ئۈچۈن دەيدىغان سۆزلىرىم بار.

3مەن كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ،

مېنى ياراتقان خۇدانىڭ ھەققانىيىتىنى ئىسپاتلايمەن.

4سۆزلىرىم ئاساسسىز ئەمەستۇر،

مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بىرى يېنىڭدا تۇرۇپتۇ.

5خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ،

خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ئىرادىسىدىن يانمايدۇ.

6ئۇ رەزىللەرنىڭ ياشىشىغا يول قويمايدۇ،

يوقسۇللارغا ئادالەت بېرىدۇ.

7ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،

ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ،

مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.

8ئەگەر ئۇلار كىشەنلىنىپ،

ئازاب ئىسكەنجىسىدە قالغان بولسا،

9خۇدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ،

ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.

10ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ تەلىم بېرىدۇ،

يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

11ئەگەر ئۇلار خۇداغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسا،

بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

12لېكىن ئۇلار خۇداغا بويسۇنمىسا، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

بىلىمسىز ھالدا ھالاك بولىدۇ.

13ئىمانسىزلارنىڭ قەلبى غەزەپكە تولغان بولىدۇ،

جازالانسىمۇ شاپائەت تىلىمەيدۇ.

14ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ،

ھاياتى نومۇس ئىچىدە تۈگىشىدۇ.

15خۇدا قىينالغانلارنى ئاشۇ ئازابلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ،

مۈشكۈلاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ.

16خۇدا سېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ،

كەڭرى، ئەركىن زېمىنغا ئاپىرىپ،

ئېسىل تائاملار بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

17لېكىن رەزىللەر تارتىشقا تېگىشلىك جازا سېنىڭ بېشىڭغا كېلىپ قالدى،

خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.

18ئاگاھ بول، ھېچكىم بايلىق بىلەن سېنى ئازدۇرمىسۇن،

سەن پارىنى كۆپ ئېلىپ، ھەق يولدىن يانما.

19ئەجەبا، بايلىقلىرىڭ ۋە ئۆز كۈچۈڭ سېنى مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟

20تۈننىڭ كېلىشىنى، يەنى خەلق ھالاك بولىدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلما.

21ئاگاھ بول، گۇناھ يولىنى تۇتما،

چۈنكى خۇدا سېنى بۇ يولدا ماڭمىسۇن دەپ بېشىڭغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.

22قارا، خۇدا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.

كىممۇ ئۇنىڭدەك ئىنسانغا تەلىم بېرەلەيدۇ؟

23كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا ‹سەن خاتا قىلدىڭ› دەپ ئېيتالايدۇ؟

24سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما،

كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.

25خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى پۈتكۈل ئىنسان كۆردى،

كىشىلەر يىراقتىن نەزەر سالماقتا.

26خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز،

ئۇنىڭ يىللىرىنى سانىغىلى بولمايدۇ.

27خۇدا سۇ تامچىلىرىنى يىغىپ،

ئۇنى يامغۇرغا ئايلاندۇرىدۇ.

28بۇلۇتلاردىن يامغۇر ياغدۇرۇپ،

ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

29ئۇنىڭ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ،

ئۆز ماكانىدا تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرۇشىنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟

30ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا ياندۇرغان چاقماقلىرى

دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىنىمۇ يورۇتالايدۇ.

31خۇدا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇپ،

ئۇلارغا مول تائام ئاتا قىلىدۇ.

32ئۇ چاقماقنى قوللىرىغا ئېلىپ،

بەلگىلەنگەن نىشانغا ئېتىلىشىغا ئەمر قىلىدۇ.

33گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى بوراننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ،

ھەتتا بۇنى كالىلارمۇ سېزەلەيدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى