« يەرەمىيا »

19

چېقىلغان ئىدىشتىن ئېلىنغان ساۋاق

1پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

_ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن. 2«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن: 3«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. 4بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى. 5ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! 6شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!

7مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن. 8مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. 9سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»

10ئەي يەرەمىيا، سەن باشلاپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا، ئىدىشنى چېقىۋەت! 11ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ. 12مەن، پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئاشۇنداق جازالىماقچى. مەن بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. 13يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»

14ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: 15«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى