« يەرەمىيا »

50

بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل شەھىرى ۋە بابىللىقلار زېمىنى توغرىسىدا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:

2«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار،

تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار.

ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار:

‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›

3شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ،

بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ،

بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.»

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ.

5ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ،

شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ.

6خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى،

ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى.

ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ،

تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ،

ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان.

7ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى،

ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى:

‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق.

ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر،

ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ.

8ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!

خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.

9چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن.

ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ.

ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر.

10بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.

ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

11ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ،

ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار.

سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ،

ئاتتەك كىشنىدىڭلار.

12لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ.

سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ.

بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئۇ قۇرۇپ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.

13مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن،

بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە

بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

14ئەي بارلىق ئوقياچىلار، بابىلنى قورشاۋغا ئېلىڭلار،

ئوقيالىرىڭلارنى ئۇلارغا بەتلەپ، بىر تال ئوقۇڭلارنىمۇ ئاياپ قالماڭلار.

چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلغان.

15ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار.

ئۇ تەسلىم بولىدۇ.

ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ.

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن،

شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار!

ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!

16بابىلدا تېرىقچىلىق قىلىنمىسۇن، ھوسۇلمۇ يىغىلمىسۇن.

زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن

بابىلغا يەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئېلىگە قېچىپ كەتسۇن،

ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن.

17ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ.

دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى.

ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.

18شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى،

مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك،

بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن.

19مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن.

ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ،

ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ.

20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەدە گۇناھ ئىزدىسە، گۇناھ تېپىلمايدۇ،

يەھۇدىيەدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تېپىلمايدۇ.

چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى،

مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار!

ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ،

مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار!

22جەڭ ئاۋازلىرى بابىل زېمىنىدا ئاڭلىنىپ، چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ.

23پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار!

بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

24ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن.

سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ.

25قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم.

چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.

26يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار.

ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار!

بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ،

پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار!

ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار!

27ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار!

ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى،

يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

28ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.

بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.

29«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار!

ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن.

بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار.

بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار،

ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار.

ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.

30شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ.

شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

31ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار!

مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن.

يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى.

32ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر.

سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ.

مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ،

ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.»

33قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى زۇلۇمدا قالدى.

ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلدى.

34لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ،

ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.

ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ.

ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق،

بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ.

35مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى،

بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ!

ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!

36بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ.

ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ.

37بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە

بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ.

ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ.

38بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ!

ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر،

ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ.

39شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار ۋە چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ياشايدۇ.

ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ.

لېكىن ھېچكىم قايتا ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

ئۇ يەردە مەڭگۈ ئادەمزات تۇرمايدۇ.

40مەن سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك، بابىلنى ۋەيران قىلىمەن.

ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.

ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

41قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ!

ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل

كۆپ پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

42ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر.

ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر.

ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا،

خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.

ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ،

سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى.

43بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا،

قوللىرىدا مادار قالمايدۇ.

ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ.

44ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش،

بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن.

ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن.

ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟

كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟

قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟

45شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار.

بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار.

ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.

بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.

46بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى