« يەرەمىيا »

33

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈللىنىشى

1يەرەمىيا تېخى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

2«مەن زېمىننى ياراتتىم، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايلاشتۇردۇم. ‹ياھۋەھ› مېنىڭ نامىمدۇر. مەن مۇنداق دەيمەن: 3ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن. 4مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. 5ئۇلار بابىل قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، لېكىن بۇزغان ئۆيلەرنىڭ يەرلىرى غەزەپ-نەپرىتىمدە ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولىدۇ. بۇ شەھەردىكىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن، مەن بۇ شەھەردىن يۈزۈمنى ئۆرۈدۈم.

6لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 7مەن يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكېلىپ، قايتا قۇرۇپ چىقىمەن. 8ئۇلارنى ماڭا قارشى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلايمەن. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئاسىيلىقلىرىنى كەچۈرىمەن. 9ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.

10مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: سىلەر بۇ زېمىن توغرىسىدا سۆزلەپ: ‹بۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلاندى، بۇ يەردە ئادەم ياكى ھايۋانمۇ يوق› دەيسىلەر. لېكىن ئادەم ۋە ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، قاقاسلىققا ئايلانغان يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا 11يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ:

‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!›

مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. 12مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ. 13مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەن: تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.

14مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. 15شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ. 16ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.

17مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ. 18لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.»

19پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

20«مەن كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنى تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تۈزگەن بۇ ئەھدەم ھەرگىز ئەمەلدىن قالمايدىغىنىدەك، 21خىزمەتكارىم داۋۇت ۋە لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەممۇ مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ داۋاملىق روھانىيلار تاللىنىپ، ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. 22خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»

23پەرۋەردىگار يەرەمىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

24«كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ. 25لېكىن مەن پەرۋەردىگار كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزدۈم. مەن ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتىم. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، ياقۇپ ئەۋلادلىرى ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ئۆزگەرمەستۇر. داۋۇت ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىمەن. مەن خەلقىمگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى