« يەرەمىيا »

37

پادىشاھ زىدقىيانىڭ دۇئا تەلەپ قىلىشى

1يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەندى. زىدقىيا يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى. 2پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ زېمىندا قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. 3لېكىن، پادىشاھ زىدقىيا شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال بىلەن مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن» دەپ ئۆتۈندى. 4(ئۇ ۋاقىتتا يەرەمىيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغان بولۇپ، ئۇ خالىغان ۋاقىتتا خەلق بىلەن ئۇچرىشالايتتى. 5پىرئەۋن قوشۇنلىرى ئاللىقاچان مىسىردىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان، يېرۇسالېمنى قورشاۋاتقان بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.)

6-7پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ سېنى مەندىن ياردەم تىلەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن پىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرى مىسىرغا، يەنى ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. 8ئاندىن كېيىن بابىل قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بېسىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 9شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يەنە ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ‹بابىل قوشۇنلىرى چېكىندى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ› دەپ ئالدىنىپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. 10گەرچە سىلەر، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارلىنىپ چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.»

يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى

11پىرئەۋن قوشۇنلىرى كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى. 12شۇڭا يەرەمىيا يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىدىكى مىراسنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىش ئۈچۈن بىنيامىن زېمىنىدىكى ئۆز يۇرتىغا كەتمەكچى بولدى. 13لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بىنيامىن دەرۋازىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

_ سەن بابىللىقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتمەكچى بولدۇڭ!

14يەرەمىيا:

_ يالغان! بابىللىقلارنىڭ قېشىغا بېرىش نىيىتىم يوق! _ دەپ جاۋاب بەردى.

لېكىن يىرئىيا يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئەمەلدارلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. 15ئەمەلدارلار يەرەمىياغا قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇلار ئۇنى ئۇرۇپ، زىندان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قاماپ قويدى. 16شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى.

17كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن:

_ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى، 18يەرەمىيا يەنە پادىشاھ زىدقىياغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە يامانلىق قىلدىم؟ نېمىشقا مېنى زىندانغا تاشلىدىڭ؟ 19«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ 20ئى پادىشاھ ئالەم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمنى قوبۇل قىلغىن. مېنى پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتۇرمىغىن، بولمىسا مەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمەن.

21شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى