« يەرەمىيا »

35

رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىن ساۋاق

1يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

2_ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن.

3شۇنىڭ بىلەن مەن رېكاب جەمەتىنى، يەنى يەرەمىيانىڭ ئوغلى _ خاباززىنيانىڭ نەۋرىسى بولغان يائازانيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، قېرىنداشلىرىنى 4پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائاسېيا تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 5ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىدىشلارنى ۋە لىق شاراب قاچىلانغان كومزەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ:

_ مەرھەمەت، شاراب ئىچىڭلار، _ دېدىم.

6لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ:

_ بىز شاراب ئىچمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب بىزگە بۇيرۇق قىلىپ: «سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار ھەرگىز شاراب ئىچمەڭلار، 7ئۆي سالماڭلار، زىرائەت تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلماڭلار ياكى ئۇلارنى مۈلۈك قىلىپ ئالماڭلار. ئۆمۈر بويى چېدىردا تۇرۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايسىلەر.» دېگەنىدى. 8بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق. 9بىز تۇرۇشقا ئۆي سالمىدۇق، ئۆزىمىزگە ئۈزۈمزارلىق، ئېتىزلىقلارنى بەرپا قىلمىدۇق ۋە بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىزمۇ يوق. 10بىز چېدىرلاردا ياشاپ كەلدۇق. ئەجدادىمىز يېھونادابقا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلدۇق. 11لېكىن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىز: «يۈرۈڭلار، بابىل ۋە ئاررام قوشۇنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بارايلى» دېدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئەمدى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز.

12ئاندىن پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:

13_ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سېنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: نېمىشقا مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايسىلەر، كۆرسەتكەن يولۇمدا ماڭمايسىلەر؟ 14رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 15مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 16رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلدى. لېكىن مېنىڭ خەلقىم سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدى. 17شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»

18ئاندىن يەرەمىيا رېكاب جەمەتىدىكىلەرگە سۆزلەپ:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئەجدادىڭلار يېھونادابنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭدىڭلار. ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىڭلار. 19شۇڭا مەن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ.» _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى