« يەرەمىيا »

44

مىسىرغا قېچىپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى ۋەھىي

1بۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا يەرەمىياغا چۈشكەن ۋەھىيدۇر:

2«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا. 3بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى. 4مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم. 5لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى. 6شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.

7شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟! 8نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر. 9سىلەر ئەجدادلىرىڭلار، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قىلغان رەزىل ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۆزۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ 10بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىلەر توۋا قىلمىدىڭلار. سىلەر ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلار بويىچە ياشىمىدىڭلار.

11شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ھەتتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ يوقىتىمەن. 12مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. 13مەن ئۇلارنى خۇددى يېرۇسالېمدىكىلەرنى جازالىغاندەك، مىسىردا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەل بىلەن جازالايمەن. 14يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.»

15يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

16_ بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمايمىز. 17بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق. 18لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە.

19ئاياللار:

_ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.

20ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى:

21_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟! 22پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا. 23سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى.

24ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. 25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋالدىڭلار. سىلەر: ‹قىلغان قەسىمىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، جەننەت خانىشىغا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى تۆكىمىز› دېدىڭلار. بولىدۇ، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار. قەسىمىڭلاردا تۇرۇپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار.» 26ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن. 27مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. 28ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ، 29مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردا جازالايمەن. سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە مۇنداق بېشارەت كۆرسىتىمەن: 30مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى