« قانۇننىڭ تەكرارى »

16

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى

1_ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 2پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولغان كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 3قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر. 4ئاشۇ يەتتە كۈن ئىچىدە زېمىنىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. بىرىنچى كۈنىدىكى قۇربانلىق گۆشى ئەتىسى سەھەرگە قالمىسۇن. 5پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان خالىغان بىر يۇرتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلساڭلار بولمايدۇ. 6پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىدىلا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر ئەينى چاغدا گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن قىلىڭلار. 7سىلەر قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىنى بەلگىلەپ بېرىلگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا پىشۇرۇپ يەڭلار. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار. 8كېيىنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەقەت پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا بېغىشلاپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار.

ئورما ھېيتى

9_ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن 10پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ ئورما ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىڭلارغا يارىشا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنۇڭلار. 11ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. 12مىسىردىكى قۇل بولغان چاغلىرىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، ھەر دائىم بۇ نىزاملارغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭلار.

كەپە تىكىش ھېيتى

13_ ھوسۇلۇڭلار خامانلاردىن يىغىلىپ، ئۈزۈمۈڭلاردىن شەربەتلىرىڭلار چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 14كەپە تىكىش ھېيتىدا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار. 15پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايدا يەتتە كۈننى كەپىدە ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ھوسۇلۇڭلارنى مول، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، سىلەرنى خۇشال قىلىدۇ.

16بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرسۇن. ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قۇرۇق قول بارمىسۇن. 17ھەركىم پەرۋەردىگار خۇدا ئاتا قىلغان رىزقىغا يارىشا ھەدىيە ئاپارسۇن.

سوتچى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ تەيىنلىنىشى

18_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن. 19يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. 20ھايات قېلىش ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى ئىزدەڭلار.

پەرۋەردىگار ئۆچ كۆرىدىغان ئىبادەتلەر

21_ كېيىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ يېنىغا ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋە 22بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنىمۇ تىكلىمەڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى