« قانۇننىڭ تەكرارى »

17

1_ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغان قوي، كالىلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار پەرۋەردىگارنى يىرگەندۈرىدۇ.

2ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، 3ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا، 4سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈڭلار. ئەگەر ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا ھەقىقەتەن بىرسى مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، 5ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. 6لېكىن سىلەر بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ. 7گۇۋاھچىلار ئالدى بىلەن تاش ئاتسۇن، ئاندىن باشقىلار ئاتسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

مۇرەككەپ دەۋالارغا ھۆكۈم

8_ ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسى قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان دەۋالار بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بېرىدىغان ئورۇنغا بېرىڭلار. 9لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا ۋە نۆۋەتچى سوتچىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن. 10پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۇلار چىقارغان ھۆكۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلىڭلار. 11ئۇلارنىڭ بۇيرۇغان سۆزلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمرلىرىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلماڭلار. 12ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. 13پۈتۈن خەلق بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، قايتا كىبىرلىك قىلىشتىن قورقىدۇ.

پادىشاھ ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەر

14_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، خۇددى ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزگە پادىشاھ تىكلەيلى دەيسىلەر. 15سىلەر تىكلەيدىغان پادىشاھ چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ئىسرائىللاردىن بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولمىسۇن. 16پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان. 17پادىشاھنىڭ ئاياللىرى كۆپ بولمىسۇن، بولمىسا پەرۋەردىگارغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزى ئۈچۈن كۆپلەپ ئالتۇن-كۈمۈش توپلىمىسۇن. 18ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلاردا ساقلىنىۋاتقان بۇ قانۇندىن ئۆزى ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆچۈرتسۇن. 19پادىشاھ بۇ قانۇننى ئۆمۈرۋايەت يېنىدىن ئايرىماي ئوقۇسۇن ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن. بۇ قانۇندىكى بارلىق سۆزلەر ۋە ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسۇن. 20شۇندىلا ئۇ خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى