« قانۇننىڭ تەكرارى »

25

1_ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن. 2ئەگەر گۇناھكارغا قامچىلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، سوتچى نەق مەيداندا گۇناھكارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، گۇناھىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلسۇن. 3ئەڭ كۆپ بولغاندا، قىرىق قامچا ئۇرۇلسۇن. ئەگەر قىرىق قامچىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىندىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلغان بولىسىلەر.

4خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار.

5بىر ھويلىدا بىرگە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى سىرتقا ياتلىق بولمىسۇن. قېرىنداشلىرى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالسۇن. 6ئۆلگۈچىنىڭ نامى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن. 7ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن. 8ئاقساقاللار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسۇن. ئەگەر ئۇ يەنىلا ئۇنىمىسا، 9تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن. 10شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسرائىللار ئارىسىدا «ئايىغى سالدۇرۇلغاننىڭ ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

11ئەگەر ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرسىنىڭ ئايالى ئېرىگە ياردەملىشىپ، يەنە بىر ئادەمنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋالسا، 12ئۇ ئايالنىڭ قولى كېسىلسۇن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ.

13تىجارەت قىلغاندا، تېشى چوڭ، كىچىك بولغان ئىككى خىل تارازا ئىشلەتمەڭلار. 14ئۆيۈڭلاردىمۇ ئۆلچىمى خاتا كەمچەن ئىشلەتمەڭلار. 15پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن، توغرا ۋە دەل تارازا ۋە ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىڭلار. 16چۈنكى مۇنداق ئىشلاردا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يىرگىنىدۇ.

ئامالەكلەرنى يوقىتىش توغرىسىدىكى ئەمر

17_ سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئامالەكلەرنىڭ سەپىرىڭلاردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار. 18ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى. 19شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى