« قانۇننىڭ تەكرارى »

27

تاشقا پۈتۈلگەن قانۇن

1مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە مۇنداق دېدى:

_ بىز بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. 2ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، چوڭ تاشلاردىن بىرقانچە ئابىدە تىكلەپ، ئۇلارنى ھاكلاپ ئاقارتىڭلار. 3ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا بۇ ئەمر-پەرمانلارنى پۈتۈپ چىقىڭلار. 4ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن بۈگۈن بۇيرۇغاندەك، بۇ ئاقارتىلغان تاشلارنى ئېبال تېغىغا ئېلىپ بېرىپ تىكلەڭلار. 5سىلەر شۇ يەردە تاشلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. تاشلارغا تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزمەڭلار. 6پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان بۇ قۇربانلىق سۇپىسى تاراشلانمىغان تاشلاردىن ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. 7سىلەر يەنە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە يەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. 8بۇ ئەمر-پەرمانلارنى ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈپ چىقىڭلار.

9مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىسرائىللار، جىم تۇرۇڭلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ خەلقى بولدۇڭلار. 10شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار.

ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارنىڭ جاكارلىنىشى

11ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە مۇنداق بۇيرۇدى:

12_ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن بەختلەرنى تىلەش ئۈچۈن گىرىزىم تېغىدا تۇرسۇن. 13رۇبېن، گاد، ئاشېر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئېبال تېغىدا تۇرسۇن.

14ئاندىن لاۋىيلار پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىسۇن:

15«ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

16«ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

17«قوشنىلىرىنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

18«ئەما ئادەمنى قەستەن خاتا يولغا باشلىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

19«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

20«ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتىسىغا خىيانەت قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

21«ھايۋان بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

22«ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئۆگەي ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

23«قېيىنئانىسى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

24«ئادەمنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

25«پارا ئېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

26«بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!»

پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى