« قانۇننىڭ تەكرارى »

8

پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇماڭلار

1_ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئەۋلادلىرىڭلار كۆپىيىدۇ ھەمدە پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلىيەلەيسىلەر. 2سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى، 3ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 4كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى. 5شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى خۇددى ئاتا ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيەلىگەندەك تەربىيەلىدى. 6شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. 7چۈنكى ئۇ سىلەرنى گۈزەل بىر زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە جىلغا ۋە تۆپىلىكلەرنى سۇغۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر، بۇلاقلار ۋە ئېقىن سۇلار بار. 8ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر. 9ئۇ يەردە يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ھېچنېمە كەم ئەمەستۇر. تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس چىقىدۇ. 10يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى.

11ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار. 12قورسىقىڭلار توق، ئۆزۈڭلار ياسىغان ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغان، 13چارۋا مېلىڭلار، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بايلىقلىرىڭلار كۆپەيگەن ۋاقىتتا، ئېھتىياتچان بولۇڭلار. 14مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. 15ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى. 16چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى. 17سىلەر بۇ بايلىقلارغا ئىككى قولىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئېرىشتۇق، دەپ ئويلىماڭلار. 18ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.

19ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىسەڭلار، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلساڭلار، مەن بۈگۈن سىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر! 20ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، خۇددى باشقا ئەللەر كۆز ئالدىڭلاردا ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرمۇ چوقۇم ھالاك بولىسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى