« قانۇننىڭ تەكرارى »

19

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

1_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىكى ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەردىكى شەھەر ۋە ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، 2-3ئۇ زېمىننى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بۆلىكىدە بىردىن شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بەلگىلەپ چىقىڭلار. بۇ ئۈچ شەھەرگە بارغىلى بولىدىغان يول ياساڭلار. ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ئاشۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسۇن.

4پاناھلىنىشنىڭ شەرتلىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىر ئادەم بىخەستەلىك قىلىپ، ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، پاناھلىنىدىغان شەھەرلەردىن بىرسىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسۇن. 5مەسىلەن، ئىككى ئادەم بىرگە ئورمانغا ياغاچ كەسكىلى بارغاندا، بىرسىنىڭ پالتىسىنىڭ بېشى سېپىدىن چىقىپ كېتىپ، شېرىكىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. 6ناۋادا پاناھلىنىدىغان شەھەردىن پەقەت بىرسى بولۇپ، ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا، قىساسكار غەزىپىدە ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى ئۆزى بىلەن قىلچە ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى بىخەستەلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك. 7شۇڭا مەن سىلەرنىڭ پاناھلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى بەلگىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.

8-9ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈپ، داۋاملىق ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، پەرۋەردىگار زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنلارنى سىلەرگە تولۇق بېرىدۇ. ئۇ چاغدا سىلەر يەنە پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى بەلگىلەپ چىقىڭلار. 10پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ساقلىنىڭلار. بولمىسا سىلەر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتكار بولۇپ قالىسىلەر.

11ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، پايلاپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالسا، 12ئەسلىدىكى قاتىل تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرسۇن ۋە قاتىل ئۆلتۈرۈلسۇن. 13قاتىللارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىسرائىللار ئارىسىدىن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان گۇناھكارلارنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ.

يەر پاسىلى توغرىسىدا

14_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قوشناڭلارنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەڭلار، چۈنكى ئۇنى ئەجدادلىرىڭلار تىكلىگەندۇر.

گۇۋاھچىلار توغرىسىدا

15_ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار. 16ئەگەر بىرسى ساختا گۇۋاھلىق بېرىپ، باشقىلارنى قارىلىسا، 17قارىلىغۇچىمۇ ۋە قارىلانغۇچىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا بارسۇن. نۆۋەتچى روھانىيلار ۋە سوتچىلار ھۆكۈم چىقارسۇن. 18سوتچىلار ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ ساختا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئېنىقلانسا، 19ساختا گۇۋاھچىنىڭ يامان نىيىتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.

20باشقىلار بۇنى ئاڭلىسا، قورقىدۇ ۋە يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. 21رەزىللەرگە رەھىم قىلماڭلار، جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىڭلار.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى