« قانۇننىڭ تەكرارى »

2

چۆلدىكى قىرىق يىللىق مۇساپىرلىق

1_ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك، بىز ئارقىمىزغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە كەتتۇق. سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۈنلەر يۈردۇق. 2كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 3«سىلەر سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىلى تالاي ۋاقىتلار بولدى، ئەمدى شىمالغا بېرىڭلار. 4سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار، 5ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن. 6يېمەك-ئىچمەكنى ئۇلاردىن سېتىۋېلىڭلار. 7پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›».

8شۇنىڭ بىلەن بىز قېرىندىشىمىز ئەساۋنىڭ زېمىنى بولغان سەئىردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ئېلات ۋە ئەزيون-گەبەر شەھەرلىرىدىن كېلىدىغان ئاراباھ يولى بىلەن موئاب چۆللۈكىگە باردۇق. 9پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «موئابلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىنى بولغان ئارنى سىلەرگە بەرمەيمەن. مەن ئۇ زېمىننى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»

10(بۇرۇن ئېيملار ئۇ يەردە ياشايتتى. ئۇلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدەك بويلىرى ئېگىز ئىدى. 11ئۇلار ئادەتتە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش رافاھلار دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن موئابلار ئۇلارنى ئېيملار دەپ ئاتايتتى. 12بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.)

13پەرۋەردىگار يەنە: «ئەمدى ئاتلىنىڭلار، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زەرەد دەرياسىدىن ئۆتتۇق. 14بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى. 15پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىكى بۇ جەڭچىلەر تامامەن يوقىتىلغانىدى.

16جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، 17پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: 18«بۈگۈن موئابنىڭ چېگراسىدىن ئار شەھىرى ئارقىلىق ئۆتۈڭلار. 19ئاممون خەلقىنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەرمەيمەن، مەن ئۇ يەرنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»

20(ئۇ يەر بۇرۇن رافاھلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى. ئاممون خەلقى ئۇلارنى زامزۇملار دەپ ئاتايتتى. 21رافاھلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلاردەك ئېگىز ئىدى. پەرۋەردىگار رافاھ خەلقىنى ئاممون خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، ئاممون خەلقىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئۇلار شۇ يەردە ياشاپ قالدى. 22خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا. 23كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.)

24پەرۋەردىگار داۋام قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاتلىنىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار! مەن ئامور خەلقىنىڭ خەشبوندا ياشايدىغان پادىشاھى سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەڭلار. 25بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»

ئىسرائىللارنىڭ خەشبون پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىشى

26_ شۇنىڭ بىلەن مەنكى مۇسا قىدېموت چۆلىدىن خەشبون پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق تىنچلىق تەكلىپى سۇندۇم: 27«بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە چوڭ يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز. 28يېمەك-ئىچمەكلەرنى سىلەردىن سېتىۋالىمىز. بىزنى ئۆتكىلى قويۇشىڭىزنى، 29بىزگە سەئىردە ياشايدىغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاردا ياشايدىغان موئاب خەلقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بىز پەقەت ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىنغا بارماقچىمىز.»

30لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى. 31پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلىغىن.» 32سىخون پۈتۈن لەشكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، ياھازدا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. 33لېكىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قىردۇق. 34ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى. 35لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق. 36ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى. 37لېكىن بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇلارنىڭ ياببوق دەرياسىنىڭ بويىدىكى ۋە تاغلىق رايونلىرىدىكى شەھەرلىرىگە تەگمىدۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى