« قانۇننىڭ تەكرارى »

34

مۇسانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

1مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى، 2پۈتۈن نافتالى، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىنى، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان پۈتۈن يەھۇدا زېمىنلىرىنى، 3نەگېب چۆللۈكىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ۋادىسى، يەنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانىڭ تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە بولغان بارلىق يەرلەرنى كۆرسەتتى. 4پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا: «بۇ زېمىنلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىنلاردۇر. ھازىر بۇ زېمىنلارنى ساڭا كۆرسەتتىم، لېكىن سەن دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇ زېمىنغا كىرمەيسەن.

5خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى. 6پەرۋەردىگار ئۇنى موئابتىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلدى. تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. 7مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى. 8ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇساغا ئاتاپ ئوتتۇز كۈن قارىلىق تۇتتى. مۇساغا ئاتالغان ھازا كۈنلىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.

9مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى.

10شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى. 11ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى. 12پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە ئاجايىپ كارامىتىنى نامايان قىلىپ باقمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى