« لاۋىيلار »

15

ئەرلەرنىڭ ئاجرالما كېسىلىدىن پاكلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ سىلەر ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاقسا، ئۇ ئەر ناپاكتۇر. 3مەيلى ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاققان بولسۇن، ياكى جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغان بولسۇن، بۇ خىل كېسەللىك بەرىبىر ئۇنى ناپاك قىلىدۇ. 4ئۇ ئۇخلىغان تۆشەك، ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. 5ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 6ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 7كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

8ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تۈكۈرۈكى پاك كىشىگە چاچراپ كەتسە، پاك كىشى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 9كېسەل كىشى ئىشلەتكەن ئېگەرمۇ ناپاكتۇر. 10ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 11ئەگەر كېسەل كىشى قولىنى سۇدا چايقىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تۇتۇپ سالسا، تۇتۇلغان كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 12كېسەل كىشى تېگىپ كەتكەن ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ نەرسىلەر سۇدا چايقالسۇن.

13كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن يەتتە كۈنلۈك پاكلىنىش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا بويىنى سۇغا سالسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ. 14سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن. 15روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.

ئەرلەرنىڭ ئېھتىلامدىن پاكلىنىشى

16_ بىر ئەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 17مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 18ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

ئاياللارنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشى

19_ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 20ھەيز مەزگىلىدە ئۇ ياتقان ۋە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. 21ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 22ھەيز كۆرگەن ئايال ئولتۇرغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 23ھەيز كۆرگەن ئايالنىڭ تۆشىكىگە ياكى تۆشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە تېگىپ كەتكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 24ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالسا، ئايالنىڭ ناپاكلىقى ئەرگە ئۆتىدۇ. ھەيز ئەرنى يەتتە كۈنگىچە ناپاك قىلىدۇ. ئەر ياتقان تۆشەكمۇ ناپاك بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ خۇن تەۋرەش كېسىلىدىن پاكلىنىشى

25_ ئەگەر ئايالنىڭ ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن يەنە قان كەلسە ياكى ھەيز مەزگىلى ئۇزىرىپ كەتسە، ئايال ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 26ئاشۇ مەزگىلدە ئۇ ياتقان تۆشەك ۋە ئولتۇرغان نەرسىلىرى خۇددى ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاكتۇر. 27بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

28ئۇ ئايال خۇن توختىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈننى ساناپ ئۆتكۈزسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال پاك ھېسابلىنىدۇ. 29سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرسۇن. 30روھانىي ئۇ پاختەكلەرنىڭ بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ھەيز كۆرگەن ئايالنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقىدىن خالاس قىلسۇن.

31ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.

32-33يۇقىرىقىلار ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېھتىلام بولۇپ، ھەيز كۆرۈپ، ھەيزدىن كېيىن يەنە قان كېلىپ ۋە ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ناپاك بولغانلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى