« لاۋىيلار »

16

گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى

1ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ھالاك بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.

3ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن. 4ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن. 5ئۇ ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۇياق تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار ئالسۇن.

6ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. 7ئاندىن ئىككى تۇياق تېكىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. 8ئاندىن چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى تېكىنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى، قايسى تېكىنىڭ ئازازۇل* تەرەپكە قوغلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىسۇن. 9ھارۇن چەك تاشلاش ئارقىلىق ماڭا ئاتالغان تېكىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى تەييار قىلسۇن. 10چەك تاشلاش ئارقىلىق ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى، يەنى خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن چۆلگە قوغلىنىدىغان تېكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.

11ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن. 12ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن 13ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 14ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 15ئاندىن ھارۇن خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئاتىغان تېكىسىنى بوغۇزلاپ، قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، خۇددى بۇقىنىڭ قېنىنى چاچقانغا ئوخشاش «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. 16ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر. 17ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن. 18ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن. 19ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن.

20ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلغاندىن كېيىن، ئازازۇلغا ئاتالغان تىرىك تېكىنى يېتىلەپ كەلسۇن. 21ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن. 22چۆلگە قوغلىۋېتىلگەن تېكە خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى چۆلگە ئېلىپ كېتىدۇ.

23ئاندىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە كىيگەن زىغىر رەخت كىيىمىنى سېلىپ، شۇ يەردە قالدۇرسۇن. 24ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن. 25ئۇ يەنە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن.

26ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتكۈچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن. 27گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن. 28كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.

29ھەر يىلى 7-ئاينىڭ* 10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. 30چۈنكى بۇ كۈنى خەلقنىڭ ھەممە گۇناھى ساقىت قىلىنىپ پاك بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پاكلىنىدۇ. 31بۇ كۈنى ئۇلار نەپسىنى يىغىپ، تولۇق دەم ئالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.

32بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كىشى قۇربانلىق سۇنۇپ، خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ، 33ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاش ۋە روھانىيلار بىلەن پۈتۈن خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزسۇن. 34ھەر يىلى ئىسرائىللار بىر قېتىم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىنسۇن. ئىسرائىللارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىش مۇراسىمى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.

پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق نېمىنى ئەمر قىلغان بولسا، ھارۇن شۇنى بەجا كەلتۈردى.



*8ئازازۇل _چۆللەردە ياشايدىغان جىننى كۆرسىتىشى مۇمكىن. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى تېكىگە يۈكلەپ، تېكىنى چۆلدىكى ئازازۇل تەرەپكە قوغلىۋېتىشكە ئەمر قىلغاندۇر.

*297-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى