« لاۋىيلار »

25

ئېتىزنى دەم ئالدۇرۇش يىلى

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا، ئېتىزلارنى ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم ماڭا ئاتاپ دەم ئالدۇرۇڭلار. 3ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتاپ تۇرۇڭلار، ھوسۇل ئېلىڭلار. 4لېكىن يەتتىنچى يىلى يېرىڭلارنى ماڭا ئاتاپ تولۇق دەم ئالدۇرۇڭلار. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتىماڭلار. 5بۇ يىل يەر تولۇق دەم ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. 6لېكىن سىلەر بۇ زىرائەت، ئۈزۈملەرنى ئېتىزدا يېسەڭلار بولىدۇ، شۇنداقلا قۇلۇڭلار، دېدەكلىرىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان مەدىكارلىرىڭلار ۋە يات خەلقلەر يېسىمۇ بولىدۇ. 7ئېتىزىڭلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان بۇ زىرائەتلەرنى چارۋا مېلىڭلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارمۇ يېسە بولىدۇ.»

قۇت يىلى

8«سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ. 950-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار. 10سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن. 1150-يىلى سىلەرنىڭ قۇت يىلىڭلاردۇر. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. 12چۈنكى بۇ يىل قۇت يىلىدۇر، سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىلىڭلاردۇر. لېكىن سىلەر يېرىڭلاردا ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. 13قۇت يىلىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن. 14سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن يەر-زېمىن سودىسى قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. 15يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن. 16قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىلنىڭ سانى كۆپ بولسا باھاسى يۇقىرى، ئاز بولسا، باھاسى تۆۋەن بولسۇن. چۈنكى باھالىنىدىغىنى ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ قېتىم سانىدۇر. 17مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 18مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئىجرا قىلساڭلار، ئۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايسىلەر. 19يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر.

20بەلكىم سىلەر: ‹يەتتىنچى يىلى ھېچنېمە تېرىمىساق، ھوسۇل ئالمىساق، نېمە يەيمىز؟› دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. 21مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ. 22سەككىزىنچى يىلى ئۇرۇق تېرىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئالتىنچى يىلىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىقىڭلارنى يەيسىلەر. توققۇزىنچى يىلى يەردىن ھوسۇل ئالغۇچە سىلەردە يەنىلا ئېشىنچا ئاشلىق بولىدۇ.»

يەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى

23«يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر. 24ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار.

25ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن. 26ئەگەر يەرنى سېتىۋالغۇدەك يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۆزى پۇل تېپىپ، سېتىۋالغۇدەك ھالغا كەلگەندە، ئۆزى سېتىۋالسۇن. 27يەرنىڭ باھاسى سېتىلغان يىل سانى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەق تۆلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. 28ئەگەر ئۇنىڭ سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادى يەتمىسە، سېتىۋېتىلگەن يەر تاكى قۇت يىلى كەلگۈچە يەنىلا ئالغۇچىنىڭ قولىدا قالىدۇ. قۇت يىلى كەلگەندە، يەر ئىگىسىگە قايتىدۇ، يەر ئىگىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتسا بولىدۇ.

29ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەردىكى ئۆيىنى ساتقان بولسا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بىر يىل قايتا سېتىۋېلىش ۋاقىت چېكىدۇر. 30ئەگەر ئۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالالمىسا، بۇ ئۆي ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدۇ، قۇت يىلىدىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. 31لېكىن ئەتراپى سېپىلسىز بولغان يېزىدىكى ئۆي بولسا، يېزا يېرى ھېسابلىنىپ، قايتۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ ھەم قۇت يىلىدا ئىگىسىگە قايتىدۇ.

32لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە لاۋىيلار ئۆزلىرى سېتىۋەتكەن ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ سېتىۋالالايدۇ. 33لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە ئەگەر ئۇلار ئۆيلىرىنى ساتقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ سېتىۋالمىسا، ئۆينى ئالغۇچى قۇت يىلىدا قايتۇرۇپ بەرسۇن. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى ئۆيلىرى ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار زېمىنىدىكى مۈلكىدۇر. 34لېكىن لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوتلاقلارنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سېتىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوتلاقلار لاۋىيلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئورتاق مۈلكىدۇر.»

ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش

35«ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، قولى قىسقا بولۇپ قالسا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقتىن بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارمۇ ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. 36ئۇلاردىن جازانە ئالماڭلار. مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. 37ئۆسۈمنى ئويلاپ، پۇل ياكى ئاشلىق قەرز بەرمەڭلار. 38مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرگە كەنئان زېمىنىنى ئاتا قىلىش ۋە سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.»

قۇللارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش

39«ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، ئۆزلىرىنى سىلەرگە ساتقان بولسا، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتمەڭلار. 40ئۇلار يىللىقچى بولۇپ قۇت يىلىغىچە ئىشلەپ تۇرسۇن. 41قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز جەمەتىگە ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان يېرىگە قايتسا بولىدۇ. 42چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن. 43ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار.

44سىلەرگە قۇل ۋە دېدەكلەر كېرەك بولسا، ئەتراپتىكى ئەللەردىن سېتىۋېلىڭلار. 45سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكى قىلساڭلار بولىدۇ. 46ئۇلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان مۈلكۈڭلار سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك قۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار.

47سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقتىن بولغان قوشناڭلارنىڭ قول ئىلكىدە بولۇپ، ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىقتىن ئۆزلىرىنى ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن بىرەرسىگە ساتقان بولسا، 48ئۇلارنىڭ كېيىن ھۆر بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. 49ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. 50ئۇلار خوجايىنى بىلەن ھېسابلاشقاندا، ئۆزلىرى سېتىلغان يىلدىن تاكى قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلىسۇن، باھا شۇ يىللاردىكى مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققى بويىچە بېكىتىلسۇن. 51ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار كۆپ بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ. 52ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار ئاز بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى قالغان يىللارنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆۋەنرەك بولىدۇ. 53سېتىۋالغۇچىلار ئۇلارغا يىللىقچى ھېسابىدا مۇئامىلە قىلسۇن. سىلەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار.

54قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن. 55چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مېنىڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى