« لاۋىيلار »

24

ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى چىراغلار

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن. 3ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەڭ مۇقەددەس جايغا تارتىلغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يېنىپ تۇرسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. 4مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغداندىكى چىراغلاردىن ھەر دائىم ياخشى خەۋەر ئالسۇن.

خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلار

5_ سۈپەتلىك ئۇندا ئون ئىككى دانە نان تەييارلاتقىن، ھەربىر نانغا ئىككى كىلو ئۇن ئىشلەتسۇن. 6نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇن شىرەگە ئىككى دەستە قىلىپ تىزغىن. ھەربىر دەستىدە ئالتە دانە نان بولسۇن. 7ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.

8ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر. 9بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.

‏خۇدانى ھاقارەتلىگۈچىگە ۋە قاتىلغا بېرىلىدىغان جازا

10بىرسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىللاردىن، ئاتىسى مىسىر خەلقىدىن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى قارارگاھتا بىر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، 11ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. 12ئۇلار ئۇنى تاكى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگۈچە قاماپ قويدى.

13پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

14_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. 15سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 16مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن.

17قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 18باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋاننىڭ ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. جانغا جان قايتۇرسۇن. 19كىمكى بىرىنى زەخىملەندۈرسە، ئۇمۇ شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن. 20يارىلاندۇرسا يارىلاندۇرۇلسۇن، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش ئېلىنسۇن. قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا، شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن. 21باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن. 22مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

23مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى