« لاۋىيلار »

6

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، 3ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا، 4ئوغرىلىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئالدىۋالغان ۋە تېپىۋالغان 5ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن. 6شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. 7روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.

يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا

8پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

9_ سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى شالادا پۈتۈن كېچە كۆيۈپ تۇرسۇن، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن. 10ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن. 11ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن. 12قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن. روھانىي ھەر كۈنى ئەتىگىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتقا ئوتۇن سېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئوتقا قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرسۇن. 13قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن.

يەنە ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدا

14_ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:

ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن. 15روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 16ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن. 17نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر. 18ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.

19پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى:

20_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈنى ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۇلارنىڭ سۇنىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇندىن تەييارلانسۇن. ئۇنىڭ يېرىمى ئەتىگەندە، يېرىمى كەچتە سۇنۇلسۇن. 21بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن. 22باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن. 23روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.

يەنە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى توغرىسىدا

24پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

25_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. 26گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. 27بۇ گۆشكە قۇربانلىقنى سۇنغان روھانىيدىن باشقا كىم تېگىپ كەتسە، شۇ كىشى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرەر كىيىمگە قۇربانلىقنىڭ قېنى چاچراپ كەتكەن بولسا، شۇ كىيىم جەزمەن مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يۇيۇلسۇن. 28بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازان ساپال قازان بولسا، چېقىۋېتىلسۇن؛ تۇچ قازان بولسا، سۈرتۈپ تازىلىنىپ، چايقالسۇن. 29روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. 30لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى