« لاۋىيلار »

5

1_ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

2ئەگەر بىرسى مەيلى ياۋايى ھايۋان، مەيلى ئۆي ھايۋىنى بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، يەنىلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.

3ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.

4ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.

5ئەگەر بىرسى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ بىرەرسىدە ئۆزىنى ئەيىبكار دەپ بىلسە، ئۇ قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن. 6ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.

7ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن. 8قۇربانلىق سۇنغۇچى ئۇلارنى روھانىينىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئالدى بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر پاختەكنىڭ بوينىنى تولغاپ سۇندۇرسۇن، لېكىن بېشىنى بىراقلا ئۈزۈۋەتمىسۇن. 9پاختەكنىڭ ئازراق قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە سەپسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تېمىتسۇن. بۇ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر. 10ئىككىنچى پاختەكنى روھانىي قائىدە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

11ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر. 12ئۇ سۈپەتلىك ئۇننى روھانىيغا ئېلىپ بارسۇن، روھانىي ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر. 13شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.

ئەيىب قۇربانلىقى

14پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

15_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن. 16ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

17ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ. 18ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 19بۇ ئەيىب قۇربانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەيىبلىك ئىش قىلغاندۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى