« لاۋىيلار »

7

يەنە ئەيىب قۇربانلىقى توغرىسىدا

1_ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر:

2ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن. 3روھانىي قۇربانلىقنىڭ بارلىق مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، 4بۆرەك مېيى، ئىككى بۆرىكى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 5روھانىي بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ. 6روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنى يېسە بولىدۇ. بۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.

7گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. 8بىرەر كىشىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىگە ئىگە بولىدۇ. 9ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. 10لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغىنى ئۇن بولسا، ئۇنىڭغا مەيلى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلسۇن ياكى ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن، ھەممىسى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا تەڭ تەۋە بولىدۇ.

يەنە ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدا

11_ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:

12ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن. 13مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن. 14نانلارنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرى مېنىڭ نېسىۋەم بولسۇن. بۇ نانلار ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى چاچقان روھانىيغا تەۋە بولسۇن. 15مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن.

16سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ. 17ئەگەر قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چوقۇم كۆيدۈرۈلسۇن. 18ناۋادا ئۈچىنچى كۈنىمۇ يەنە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى يېيىلسە، قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ ھەم قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ قۇربانلىق سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېگۈچى جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

19ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ. 20ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 21ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

23_ سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ مېيىنى يېمەڭلار. 24يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ مېيىنىمۇ يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. 25ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 26مەيلى سىلەر نەدە بولماڭلار، قۇشنىڭ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى يېمەڭلار. 27قان يېگۈچىلەر خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.»

28پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

29_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم گۆشىنى ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن. 30ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنى، يەنى قۇربانلىقنىڭ مايلىرىنى ۋە تۆشىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كەلسۇن. تۆشنى ماڭا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈرسۇن. 31مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. 32-33قۇربانلىقنىڭ ئوڭ يانپىشى روھانىينىڭ، يەنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىكى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قان ۋە مايلىرىنى سۇنغان روھانىينىڭ نېسىۋىسىدۇر. 34چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. 35تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر. 36ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.

37-38يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى