« لاۋىيلار »

23

ھېيتنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار. 3ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.

4مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.»

ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتى

5«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 6مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ماڭا ئاتالغان پېتىر نان ھېيتىدۇر. سىلەر ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. 7بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 8ماڭا ئاتاپ يەتتە كۈن تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.»

باش ھوسۇل ھەدىيەسى

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

10_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار. 11دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر. 12روھانىي ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەن شۇ كۈنى، سىلەر بىر ياشلىق بېجىرىم پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. 13شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 14ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.»

ئورما ھېيتى

15«دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن، يەنى سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ئېگىز كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ھېسابلاڭلار. 16ئەللىكىنچى كۈنى، يەنى يەتتىنچى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى ماڭا تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلاردىن ھەدىيە سۇنۇڭلار. 17مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار. 18شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 19ئاندىن بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئىككى تۇياق بىر ياشلىق قوينى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 20روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر. 21بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.

22ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئاراڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

بۇرغا چېلىش ھېيتى

23پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

24_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. 25بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.»

گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى

26پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

27_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. 28بۇ كۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا گۇناھىڭلاردىن ساقىت قىلىنىش كۈنۈڭلاردۇر. بۇ كۈنى ئىشلىمەڭلار. 29بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 30بۇ كۈنى ئىشلىگەنلەر مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن يوقىتىمەن. 31سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. 32بۇ كۈنى سىلەر نەپسىڭلارنى يىغىپ، تولۇق دەم ئېلىڭلار ۋە 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ۋاقتىدىن باشلاپ، ئەتىسى كەچ كىرگۈچە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىڭلار.

كەپە تىكىش ھېيتى

33پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

34_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 35بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 36بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار.

37يۇقىرىقىلار مەن پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيتلاردۇر. سىلەر بۇ ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى دەپ جاكارلاپ، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. 38دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھېيتلارنىمۇ ئۆتكۈزۈڭلار. يۇقىرىدىكى مەنكى پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان ھەدىيەلەرنى قەسىمىڭلار بويىچە ۋە خالىس ھالدا سۇنىدىغان ھەدىيەلەر ھەمدە دائىملىق ھەدىيەلەردىن سىرت سۇنۇڭلار.

39سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. 40بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. 41ھەر يىلى 7-ئاينىڭ مۇشۇ يەتتە كۈنىدە ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. 42سىلەر يەتتە كۈن كەپىدە تۇرۇڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنداق قىلسۇن. 43سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەپىدە تۇرغۇزغانلىقىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىلەلەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

44شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى