« لاۋىيلار »

8

روھانىيلارنىڭ تەيىنلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن. 3ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەتنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن.

4مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. 5مۇسا جامائەتكە:

_ پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلدى، _ دېدى.

6ئاندىن ئۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى. 7ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بېلىگە پوتا باغلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىجەنى كىيدۈرۈپ، پەرتۇقنى تاقىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تاسمىسى بىلەن چىڭىتتى. 8ئاندىن كۆكرەكلىكنى تاقاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى* سالدى. 9بېشىغا سەللە يۆگەپ، ئالتۇن قاداقنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى قادىدى. ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بولدى.

10ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. 11ئۇ يەنە قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم مۇقەددەس ياغ سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقا ياغ سۈركەپ، ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.

12ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى. 13ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىدى، باشلىرىغا سەللە يۆگىدى، ھەممە ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى.

14ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى. 15مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 16ئۇ بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 17پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.

18ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 19مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 20قوچقارنى پارچىلاپ، بېشىنى، گۆشىنى، چاۋا مايلىرىنى، 21تازىلانغان ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى، يەنى پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە كۆيدۈردى. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.

22مۇسا يەنە بىر قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا سۇنۇلغان قوچقار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. 23مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. 24ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قوچقارنىڭ قېنىدىن ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. ئاندىن قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 25مۇسا قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالدى. 26ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن پېتىر توقاچ، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر نانلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى قوچقارنىڭ ئوڭ يانپىشى بىلەن مايلارنىڭ ئۈستىگە قويدى. 27ئاندىن ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزدى. ئۇلار ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈردى.

28شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈردى. بۇ ئۇلارنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولۇپ، بۇ پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى. 29مۇسا قۇربانلىقنىڭ تۆشىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ تۆش روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا قۇربانلىق قىلىنغان قوچقارنىڭ گۆشىدىن مۇساغا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە ئىدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى.

30مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.

31مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇڭلار. ئۇنى مەن بۇيرۇغاندەك، شۇ يەردە روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان سېۋەتتىكى نانلار بىلەن يەڭلار. 32ئېشىپ قالغان گۆش ۋە نانلارنى كۆيدۈرۈڭلار. 33سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشمىغۇچە كەتمەڭلار، يەتتە كۈن تۇرۇڭلار. چۈنكى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا يەتتە كۈن كېتىدۇ. 34بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. 35سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.

36شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.



*8«ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» _بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەكتۇر. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى