« لاۋىيلار »

4

گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:

3ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن. 4بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. 5باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ، 6بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 7ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. 8ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنغان بۇقىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى، 9ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 10ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بۇقىنىڭ مايلىرىنى قانداق چىقىرىۋالغان بولسا، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنىمۇ شۇنداق چىقىرىۋالسۇن. ئۇ بۇ مايلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. 11-12بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى، يەنى تېرىسى، گۆشى، بېشى، پۇت-پاچىقى، قارىن ۋە ئۈچەيلىرىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدىكى كۈل تۆكىدىغان پاك يەرگە ئېلىپ چىقىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە ئوتۇندا ئوت قالاپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن.

13پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 14بۇ ئىش ئۇلارغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. 15جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. 16باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ، 17بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 18ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. 19ئۇ بۇقىنىڭ بارلىق مايلىرىنى چىقىرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. 20روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 21ئاندىن روھانىي بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدىنقى بۇقىنى قانداق كۆيدۈرگەن بولسا، بۇنىمۇ شۇنداق كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەتنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

22ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 23يېتەكچىنىڭ قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم بېجىرىم بولغان تېكىدىن بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن. 24ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ. 25روھانىي بارمىقىنى تېكىنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. 26خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

27ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 28قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بېجىرىم بولغان چىشى ئۆچكىدىن بىرنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەلسۇن. 29ئۇ قولىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن. 30روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. 31قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

32ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىر قوينى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسە، چوقۇم بېجىرىم بولغان ساغلىق بولسۇن. 33ئۇ قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن. 34روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. 35قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى